[2014.02.03 يېڭىلاندى] 优酷 تورىنىڭ سىن ئېلانىنى پۈت



ئىلگىرى 优酷, 土豆 قاتارلىق سىن بېكەتلىرىنىڭ ئېلانىنى پۈتۈنلەي چەكلەشنىڭ بىرقانچە ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتكەن، بۈگۈن ھەممىدىن يېڭى، ھەممىدىن قولايلىق ھەم ھەممىدىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدىن بىرنى سۆزلەپ بېرەي، سىز پەقەت Google Chorme توركۆرگۈچ ياكى Chrome نى يادرو قىلغان 360极速浏览器 قاتارلىق توركۆرگۈچ ئىشلەتكەن بولسىڭىزلا تۆۋەندىكى قىستۇرمىنى قاچىلىسىڭىز دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم سىن تورلىرىنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان بىر مىنۇتلۇق ئېلانلىرى شۇ زامان يوقىلىدۇ!

ئېلان چەكلەش قىستۇرمىسى:
视频广告终结者: چۈشۈرۈش

ئىشىنىمەنكى youku نىڭ سىن قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئېلاندىن ھەممىڭلار زېرىكتىڭلار، ھەمدە بەزىبىر تەدبىرلەرنىمۇ قىلىپ توشۇپ باقتىڭلار بىراق ئېلان چىقمىغان بىلەن چوقۇم تۆۋەندىكىدەك كۆرىنىش بىر مىنۇتتەك كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ،

بەزىلەر ئېلان كۆرگەندىن مۇشۇنىمۇ بولسا كۆرگەن ياخشى دەپ يەنە داۋاملىق ئىزدىنىپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن، بۈگۈن كۆپچىلىككە 优酷 تورىنىڭ سىن ئېلانىنى پۈتۈنلەي ئۈنۈملۈك چەكلەش ئۇسۇلىنى سۆزلەپ ئۆتىمەن.

1- ئۇسۇل

ئالدى بىلەن سىزدە چوقۇم Chrome ياكى Chrome نى يادرو قىلغان (360极速浏览器, 360安全浏览器) دېگەندەك توركۆرگۈچ بولىشى كېرەك.
ئاندىن Tampermonkey ناملىق بۇ قىستۇرمىنى توركۆرگۈچكە قاچىلايسىز،
Tampermonkey
Tampermonkey قىستۇرما ئادرېسى: چۈشۈرۈش

قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن OpenGG.Clean.Player(Bae ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلايمىز، قاچىلاش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددىي، يۇقىردا سۆزلەپ ئۆتكەن Tampermonkey ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلاپ بولغاندى كېيىن تۆۋەندىكى ئادرېسىنى ئېچىپ، ئوڭ تەرەپتىكى "Install" ناملىق يېشىل كۇنۇپكىنى باسسىڭىز، بىز قاچىلىغان Tampermonkey ناملىق قىستۇرما ئۆزلىكىدىن بۇ قىستۇرمىنى قاچىلايدۇ، ئاندىن ئىش تامام، Youku قاتارلىق سىن تورىدا سىن كۆرسىڭىز ئەمدى ئېلانمۇ كۆرۈنمەيدۇ ھەم قارا ئېكرانمۇ كۆرۈنمەيدۇ.
OpenGG.Clean.Player(Bae
OpenGG.Clean.Player(Bae قىستۇرما ئادرېسى: چۈشۈرۈش

2- ئۇسۇل

Adkill and Media Download ناملىق قىستۇرمىنى قاچىلىسڭزىلا ھەممىسى تامام
Adkill and Media Download
Adkill and Media Download قىستۇرما ئادرېسى: چۈشۈرۈش
评论
热度(1)
© HEZRET GRAFIKI ھەزرەت گرافىكى | Powered by LOFTER
上一篇 下一篇