新浪后黑 - سىنا تورىغا تامغىسىز ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسلى



ئىنچىكە دوستلار بايقىغان بولىشى مۇمكىن، گرافىكىمىزنىڭ فوتوشوپ سەھىپىسى ۋە ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكىنىڭ بارلىق سىنلىرى سىنا تورىغا يۆتكەلدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب بولسا سىنا تورى 码率 سى 1000Kbps دىن تۆۋەن بولغان flv شەكلىدىكى سىنلارنى قايتا پرسلىماي بىۋاسىتە ئەسلىي سىننى يوللايدىكەن ھەم سىنغا تامغا ئۇرمايدىكەن. گرافىكىمىزنىڭ دەرسلىكلىرى ھەممىسى Camtasia Stuidio 8 دە ئىشلەنگەن، شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى ھاسىلات سىن بولسا mp4 شەكلىدىكى 码率 سى 300Kbps ئەتراپىدا بولىدۇ، شۇڭا مەن بەزى سىن كودلاش دېتاللىرىنى ئىشلىتىپ mp4 شەكلىدىكى بارلىق دەرسلىك سىنلارنى flv شەكلىگە ئوراپ قويدۇم، بۇيەردە "ئايلاندۇردۇم" دېمەسلىكىم سەۋەبى بولسا mp4, flv, mkv قاتارلىق بۇ فورماتلار بولسا ئورالما فورماتقا تەۋە يەنى كېيىۋالغان چاپىنى باشقا لېكىن ئىچىدىكى ئادەم ئوخشاش بىر ئادەم، شۇڭا بۇنداق فورماتتىكى سىنلارنى بىر- بىرىگە ئايلاندۇرغاندا قانداقتۇر بىر ئايلاندۇرغۇچ قاچىلاپ بىركۈن ئايلاندۇرۇپ ئولتۇرماڭ! بىز پەقەت چاپىنىنى سالدۇرۇپ باشقىنى كىيگۈزۈپ قويساقلا بولىدۇ، بارلىق جەريانغا مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ.

ئۇنداقتا 码率 سى 1000Kbps دىن يۇقىرى بولغان سىنلارنى قانداق قىلىمىز؟ بۇنىڭدا دەل 新浪后黑 دېگەن بۇ تېخنىكىنى ئىشلىتىمىز. ئاساسلىق پرىنسىپى بولسا مۇناسىۋەتلىك دېتالنى ئىشلىتىپ سىنغا 1000Kbps دىن تۆۋەن بولغان يالغان 码率 دىن بىرنى بېرىمىز. بۇنى سىنا تورىغا يوللىغاندا بىزنىڭ سىننى ئۇلار 1000Kbps دەن بىلىدۇ دە بىۋاسىتە ئەسلى سىننى چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇيەردە دېيىلىۋاتقان ئەسلى سىن بولسا ھەقىقىي مەنىدىكى ئەسلى سىن، يوللىغان سىن 53.24Mb بولسا مۇشۇ ئۇسۇلدا يوللانغان flv شەكلىدىكى سىنمۇ 53.24Mb بولىدۇ. ئەلۋەتتە 码率 سى 1000Kbps دىن تۆۋەن بولغان سىنلارنى بىۋاستە flv چاپىنى كىيدۈرۈپلا يوللىساق بولىدۇ.

سىنىڭ 码率 ئۇچۇرىنى MediaInfo ناملىق دېتالدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا تەپسىلىي ئۇچۇرنى تۆۋەندىكى سىندىن كۆرۈڭ!

 


 

ئەسكەرتىش:
سىناغا يوللانغان سىنلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەستىقتىن ئۆتىشى ئۈچۈن، سىننىڭ بارلىق ئىسىملىرىنى خەنچە قىلىڭ، يەنى ئەسلى ھۆججەت ئىسمى ۋە تېما ھەممىنى خەنچە قىلىڭ، ئۇيغۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك خەنچە ئاتالغۇلارنى ھەرگىز ئىشلەتمەڭ، بىلىسىزغۇ ......... ھە !

مۇناسىۋەتلىك دېتاللارنى چۈشۈرۈش : 百度云
评论
热度(1)
© HEZRET GRAFIKI ھەزرەت گرافىكى | Powered by LOFTER
上一篇 下一篇