ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى چۈشۈرۈش ۋە ي

large

 

بەزىلەر دەرسلىك قويۇلمىدى دەپ ئىنكاس قىلدى، يەنە بەزىلەر يەنە بىرنېمىلەرنى دەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكىنىڭ ئەسلى سىن ھۆججىتىنى كۆپچىلىككە ھەقسىز تارقاتتىم.
يەنىلا تەكىتلەيدىغىنىم شۇكى: مەزكۇر دەرسلىكنىڭ پەقەت گرافىكىمىزدا بىردىن- بىر بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دەرسلىك فىلىمنى ئۆزىنىڭ شەخسەن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ ئۆگىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداقتۇر بىرەر مۇنبەر، بلوگ ۋەياكى يوۋكۇ پوۋكۇ دېگەندەك بېكەتلەردە ئۇچرىتىپ قالماي. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!
ئەمدى، ئۆزۈمنىڭ «يوقاپ كېتىش» مەسىلىسىگە كەلسەك، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يەنە بىرنەچچە ئاي ۋاقىت قالدى، ئىلگىرى مەكتەپنىڭ ھەرتۈرلۈك ئىشلىرى بىلەن بولۇپ بېكەتكە قارايدىغان ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم. بىراق يېقىندا بۇ ئىشلارمۇ تۈگەپ قالدى، شۇڭا ئاستا بېكەتنى رەتكە سېلىۋالغىنىم تۈزۈككەن.
ئەنسىرىمەڭلار، مەنمۇ بىراقلا مەكتەپنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولۇپ كەتكىنىم يوق، ھەزرەت كىمۇ ئاز- تولا ئىشلەپ قويدۇم، ۋاقتى كەلگەندە "پاھ" لا دەپ قالىسىلەر، باشقا ئىش يوق!
ھەزرەت نىڭ بۇندىن كىيىنكى مەزمۇنلىرىدىن ئاز- تولا سۆزلەپ بېرىدىغان ئىش بولسا، ئاساسلىقى Adobe ۋە باشقا ئەتراپ دېتاللار ھەققىدىكى، يېشىللاشتۇرۇلغان، ئۆزگىچە دېتاللار ھەققىدە، تور سەرخىللىرى ھەققىدە كۆپرەك مەزمۇن بولىدۇ. ئۈندىدار سالونغا بەكرەك كۈچەيمەن، يەنە ئۆزۈمنىڭ بىرلىك مېدىئا سى ھەققىدىمۇ كۆپلەپ ئۇچۇرغا ئېگە بولىسىلەر.
ئاخىردا مېنى قوللاپ كېلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا رەھمەت، مەن پات ئاردا قايتىپ كېلىمەن!
دېدىمغۇ، "پاھ" دەپ قالىسىلەر، باشقا ئىش يوق...

ھە، راس ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلەش دەرسلىكى چۈشۈرۈش ئادرېسى :
链接: http://pan.baidu.com/s/1mgukGlU 密码: n05r
评论
热度(2)
  1. man bak yal guzHEZRET GRAFIKI ھەزرەت گرافىكى 转载了此文字
© HEZRET GRAFIKI ھەزرەت گرافىكى | Powered by LOFTER
上一篇 下一篇