百度网盘 نىڭ رايونىمىز ئىچىدە 404 خاتالىق چىقىۋېلىش مە



 

تورداشلار بايقىغان بولىشى مۇمكىن، يېقىندىن بېرى 百度网盘 دە قانداقلا ئۇلانما ئېچىڭ، يۇقىرىقى رەسىمدىكىدەك خاتالىق چىقىۋالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ 百度网盘 نىڭ رايونىمىزنىڭ يېقىنى ۋەزىيىتىگە قارىتا چىقارغان ۋاقىتلىق چەكلەش چارىسى. نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ باشقىلارغا ھەمبەھىرلىگەن نەرسىلىرىنى باشقىلار چۈشۈرۈلمەي نۇرغۇنلىغان قۇلايسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەلۋەتتە گرافىكىمىزنىڭ نۇرغۇنلىغان ماتېرىياللىرىنىمۇ تورداشلار چۈشۈرۈلمەي ئاۋارە. ئۇنداقتا بۇنىڭ ھېچقانداق ئامالى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار.

كېرەكلىك قوراللار: Chrome توركۆرگۈچ ياكى Chrome نى يادرو قىلغان كۆرگۈچىلەر (360极速浏览器 دېگەندەك)
قىستۇرما: User Agent Switcher

1. يۇقىرىقى قىستۇرمىنى توركۆرگۈچكە قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، چۈشۈرمەكچى بولغان 百度网盘 يوللانمىسىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرىمىز.



2. يېڭى بەتتىن بىرنى قۇرۇپ ئۇنىڭ ئېچىلىش ھالىتىنى iPhone دىكى ئېچىلىش ھالىتىگە تەڭشەيمىز.
3. ئادرېسنى چاپلاپ ئېنتنېرنى باسساق بۇ بەتنىڭ يانفوندىكى ھالىتى ئېچىلىدۇ، 百度网盘 تېخى يانفون نۇسخىسىنى چەكلەپ بولالمىغانلىقتىن، بىز بۇ يوچۇقتىن پايدىلانساق بولىدۇ.



4. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 打开 نى باسقاندىن كېيىن، توركۆرگۈچ ماتېرىيالنى چۈشۈرۈشكە باشلايدۇ.

5. چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قىستۇرمىنىڭ ھالىتىنى iPhone دىن Defalut قا تەڭشەشنى ئۇنتۇماڭ.

قىستۇرما چۈشۈرۈش ئادرېسى:
微云:  http://url.cn/PURQ2Y (密码:AnCZ)
ئەسكەرتىش: بۇ ئۇسۇل پەقەت بېكىتىمىزنىڭ ماتېرىيالىنى نورمال چۈشۈرۈش، تېخنىكا ئۆگىنىش سۈپىتىدىلا تەمىنلەندى، ھەرقانداق ئورۇن- شەخسنىڭ يۇقىرىقى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز ماتېرىياللارنى چۈشۈرۈپ، تارقىتىپ كېلىپ چىققان ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل.
评论(1)
热度(1)
© HEZRET GRAFIKI ھەزرەت گرافىكى | Powered by LOFTER
上一篇 下一篇